ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر نىڭ 14 – ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى.

1403620
ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، 2020 – يىلى 14 – ئاپرېل كۈنى  ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان، رۇسىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتناشتى. 10 – ئاپرېل كۈنىمۇ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر  بىلەن  مولداۋانىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرغانىدى.

يىغىندا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشلىرى تونۇشتۇرۇلدى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا، رەھبەرلەر ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى، ئىستىراتېگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنىلاردا تۇرۇپ قالماسلىقى، دىگىتاللىشىش باسقۇچىنىڭ تېزلەشتۈرۈلۈشى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش ھاجەتكى، يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر 2020 – يىلى 31 – مارت كۈنى بىر قىسىم يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرلەشمىنىڭ سىرتىغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى 2020 – يىلى 30 – ئىيۇنغىچە مەنئىي قىلدى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەقسىتىدە چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى.

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر «يېشىل كارىدور» مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدە يۈكلەرنىڭ تاموژنىلاردا تۇرۇپ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتا. ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە بىر قىسىم مەھسۇلاتلاردىن ھېچ باج ئېلىنماسلىقى توغرۇلۇق سۇنغان تەكلىپىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن. يۇقۇم باسقۇچى ئۇزىراپ كەتكەن تەقدىردە، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ ياۋروئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە ياۋروئاسىيا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات فوندى پۇللىرىنىڭ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئىشلىتىلىشى كۈنتەرتىپتىدۇر. رەھبەرلەر يۇقۇم باسقۇچىدا بىرلەشمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەركەز بانكىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارغا ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى. ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى قارمىقىدا قۇرۇلغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ماسلاشتۇرۇش ھەيئىتى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يىغىندىن كېيىن دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق باياننامىنى قوبۇل قىلدى. باياننامىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى  بارلىق توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى، بىر تەرەپلىمىلىك ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

رۇسىيە ھازىرغىچە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرگە  70000  سىناق دورىسى ئەۋەتتى. رۇسىيە بىرلەشمىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە دورا بىلەن تەمىنلەش  مەسىلىسىدىمۇ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى تېپىلغان تەقدىردە، بۇنى ھەمراھلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يىغىندىن كېيىن، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو دۆلەت باشلىقلىرىنى 2020 – يىلى 19 – ماي كۈنى مىنىسكتە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ قىلماسلىق، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ  يۇقۇمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە. چۈنكى، ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە يۇقۇمنىڭ تېخىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە ييەتكەنلىكىنى ئېيتىش قىيىندۇر.

2020 – يىلى 19 – ماي كۈنى چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ 2025 – ييلغىچە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش نىشان قىلىنغان پىلان لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇ پىلان لايىھەسى بىرلەشمىنىڭ ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشى جەھەتتىكى مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرىدەك قىلىدۇ.

نۆۋەتتە ھەممىنىڭ دىققتى، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ يۇقۇم ئۆتكىلىدىن قانداق ئۆتىدىغانلىقى، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ بولالمايدىغانلىقىغا مەركەزلەشمەكتە. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جېنبېكوۋنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا  تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى ئۈچۈن يۇقۇم باسقۇچى ھەقىقىي بىر سىناق بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر