مىرزىيويېۋنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1367463
مىرزىيويېۋنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى

مىرزىيويېۋنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ «تۈركىيە - ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى» يىغىنى دائىرىسىدە، 19 – 20 – فېۋرال كۈنلىرى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. مىرزىيويېۋ ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. كېيىنچە ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشتى. «تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى» يىغىنىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 4 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ يەردە، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 48 تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى 2014 – يىلدىن بۇيان قايتىدىن شەكىللەنمەكتە. مىرزىيويېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىدىن كېيىن بۇ مۇناسىۋەتلەر يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى، ئەنقەرە زىيارىتى ئارقىلىق ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلدى. رەھبەرلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۆزئارا زىيارەتلىرى، تۈرك كېڭىشى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى ئۇچرىشىشلىرىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.

تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى تۈرلۈك ساھەلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. بۇنىڭدىن بىر ئىلگىرى ئۆزبېكىستان تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا 30 كۈنلۈك ساياھەتلىرىدە ۋىزا ئالماسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى پەقەت ئىستانبۇلدىن پايتەخت تاشكەنتكىلا ئەمەس، بۇخارا، سەمەرقەند شەھەرلىرىگىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ سايىدا 2019 – يىلى ھەر ئىككى تەرەپتىن ساياھەتچىلەر ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلدى. تۈركىيە ساياھەت ساھەسىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئۆزبېكىستان بىلەن ئورتاقلاشماقتا.

پىرېزىدېنت مىرزىيويېۋ ئەنقەرەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تۈرك سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئۆزبېكىستاندىكى سېلىنما ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 2019 – يىلى 2.2 مىليارد دوللار ئېشىپ، ئەنقەرەدىكى يىغىندا رەھبەرلەرنىڭ بۇ رەقەمنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پىلانى تۈزۈشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى. زىرائەت بانكىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندا شۆبىسىنىڭ ئېچىلىشى، ئۇ يەردە قۇرۇلغان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سانىنىڭ 1300 دىن ئېشىپ كېتىشى ۋە تۈركىيەنىڭ سېلىنمىلىرىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەرگىچە كېڭىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ بۇ پىلاننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئۆزبېكىستان، تۈركىيە ۋە پاكىستان 2019 – يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا تۇنجى قېتىم ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى. بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى بۇ ھەمكارلىق تاشكەنت ۋە ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئافغانىستاندا مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ھەم ھەر ئىككى دۆلەتكە ھەمدە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

«جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مىللەت كۇتۇبخانىسى» نىڭ ئېچىلىشىنىڭ مىرزىيويېۋنىڭ زىيارىتىگە توغرا كېلىشى مۇھىم ئىدى. ئۆزبېكىستان تۈركىستاننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇپ، پايتەخت تاشكەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانچىلىغان بىباھا خەزىنىلىرى ئۆزبېكىستان سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ كۆپ يۆنىلىشلىك تەتقىق قىلىشىنى كۈتمەكتە. تۈركىيە مائارىپ، دىنىي ۋە بىلىم ساھەسىدە ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىق  لايىھەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

باكۇ باشلىقلار يىغىنىدا تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ، تۈكسوي، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى كېڭەشمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىمۇ ئاكتىپ بولۇشى تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھىۋە شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى قىلىپ بېكىلىتىشىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىپ ئېيتقاندا، شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ مىرزىيويېۋنى بىۋاسىتە قارشى ئېلىش ھەم كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر