ياۋروئاسىياغا نەزەر - 02

مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى.

1337556
ياۋروئاسىياغا نەزەر - 02

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 02

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2018 – يىلقى مولدوۋا زىيارىتىگە جاۋابەن، 2019 – يىلى 30 – دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلار سەۋىيەسىدىكى زىيارەتلىرى، كېيىنكى يىلغا كېچىكتۈرۈلمەستىن ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولدى.

بۇ زىيارەتنى مۇھىم قىلغان يەنە بىر ئامىل بولسا، مولدوۋا پىرېزىدېنتى بىلەن باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىكتە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇشى ئىدى. بۇ ئەھۋال، مولدوۋانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە كىشنېۋنىڭ تۈركىيەگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىگور دودون ۋە ھەيئىتى ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى. ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، تۆت تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى. مولدوۋا ھەيئىتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەجلىس باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن كۆرۈشتى. شەنتوپ ئۇچرىشىشتا، مولدوۋا پارلامېنت باشلىقى زىنايدا گرېكېئانىنى 2020 – يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى» گە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 2018 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا مولدوۋاغا ئىشقا ئاشۇرغان زىيارىتىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. ئەنقەرە بىلەن كىشنېۋ تېخىمۇ يېقىن ۋە تۈرلۈك قاناللارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

تۈركىيە مولدوۋادىكى سېلىنمىلىرىنى ئاشۇردى، ئىككى تەرەپلىك سودا ھەجمىنى يۈكسەلدۈردى. بۇلتۇر 500 مىليون دوللارغا يەتكەن تۈركىيە – مولدوۋا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى، ھەمكارلىقنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، 5 – 10 يىل ئىچىدە 1 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يېتىشى مۇمكىن.

ئالدىنقى يىلدىن ئېتىبارەن مولدوۋا بىلەن تۈركىيە ئۆزئارا كىملىك بىلەنلا تاموژنا ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ساياھەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىگە ئەگىشىپ، مولدوۋالىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغانىدى.

تۈركىيە يېقىن قوشنىلىرى، دوست ھەم قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن يولغا قويۇۋاتقان كىملىك بىلەنلا تاموژنا ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈش تۈزۈمىنى، يېڭى دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. چۈنكى، بۇ تۈركىيەنىڭ رايونلۇق كۈچ سۈپىتىدە جەزبىدارلىق مەركەزگە ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

2019 – يىلى 30 – دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە ئىمزالانغان كېلىشىملەردىن بىرى، يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ مولدوۋادا شۆبە ئېچىشىنى نىشان قىلىدۇ. تۈركىيە مولدوۋادىكى مەۋجۇدىيىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەنقەرەدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە تەلىم - تەربىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىم ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا تۈركىيەنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە مولدوۋاغا ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىشىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن.

رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇمىنىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مولدوۋا تۈركىيەگە نىسبەتەن تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە رول ئوينىشى مۇمكىن. شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا مەۋجۇدىيىتىنى زورايتقان تۈركىيە، شەرقىي ياۋروپادىمۇ ئۆزىگە يېقىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق رايوندىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. سانى 200 مىڭغا يېتىدىغان گاگاۋۇز تۈركلىرى تۈركىيەنىڭ مولدوۋادا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى جەھەتتىن مۇھىم ئامىلدۇر.

بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا گاگاۋۇزىيە ئېلىنىڭ ئاپتونوم رايونغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنىڭ 25 – يىللىقى تەبرىكلەندى. گاگاۋۇزلارغا ئاپتونومىيەلىك سالاھىيەت بېرىلىشىدە سابىق پىرېزىدېنت سۇلايمان دەمىرەل ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. شۇڭا، گاگاۋۇزلارمۇ، مولدوۋالىقلارمۇ دەمىرەلنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1990 – يىللاردىكى سۈركىلىشنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلغانلىقىدىن دەمىرەلگە مىننەتدارلىق تۇيغۇلىچىنى ئىزھار قىلىشىدۇ.

تۈركىيەنىڭ گاگاۋۇزىيەدىكى ئەڭ پائالىيەتچان ئورگىنى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى بولۇپ، بۇ ئورگان گاگاۋۇزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مولدوۋادا ھازىرغىچە 400 دىن ئارتۇق لايىھەنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

پىرېزىدېنت دودوننىڭ «ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ پۈتكۈل مولدوۋادا پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» تەرىقىسىدىكى باياناتى، «تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشنى، ئەنقەرە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايمىز» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيەنىڭ مولدوۋا ھەم گاگاۋۇزىيەگە بېرىۋاتقان ياردەملىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سەھىيە ساھەسىدە ھەر يىلى 10 گاگاۋۇز تۈركىيەدە داۋالانماقتا، ساغلاملىق ھەپتىلىكى دائىرىسىدە تۈرك دوختۇرلار گاگاۋۇزىيەگە بېرىپ، بىر ھەپتە مۇلازىمەت قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى گاگاۋۇزىيە ئېھتىياجلىق بولغان ماتېرىياللارنى گاگاۋۇزىيەگە ھەدىيە قىلماقتا.

تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ مولدوۋادىكى مەۋجۇدىيىتىمۇ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتمەكتە. تۈركىيە كومراتتا كۆپ مەقسەتلىك تەنتەربىيە زالى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلماقتا.

كومراتتا 2020 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا تۈركىيە باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشى پىلانلانماقتا. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى، يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى، كارخانىچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مولدوۋادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقان ئەنقەرە، شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان پائالىيەتلىرىنىمۇ مولدوۋا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن.

2020 – يىلى مولدوۋادا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. دودوننىڭ قايتىدىن نامزات بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەنقەرەنىڭ كىشنېۋغا بېرىۋاتقان ياردەملىرى ۋە سېلىۋاتقان  مەبلەغلىرى دودونغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

سىياسىي كېڭەشلەر ھەم ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ۋە تۈرى كۆپەيتىلگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇشى، مولدوۋانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر