مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 746 – يىلى خاتىرىلەنمكتە
ھەزرەتى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋۇسلاتى (ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى) نىڭ 746 – يىلى كونيادا ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.
1323214
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونيادىكى مەۋلانا مۇزىيى مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلارنى ئەڭ كۆپ چەلىپ قىلغان جايغا ئايلاندى.
مەۋلانا مۇزىيى 7 - دېكابىردىن بۇيان 100 مىڭدىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى.
مەۋلانا مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەر تارىخنى يورۇتۇپ بەرمەكتە.
شاببى ئارۇس مۇراسىملىرى مۇناسۋىتى بىلەن مۇزىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلانىڭ سانى تېخىمۇ ئاشتى.
ئەسلىدە مۇزىيىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى مۇراسىملار بويىچە تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 بولۇپ، 17 – دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەببى ئارۇس كېچىسى بولسا، سائەت 23:00 كىچە مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى.