ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار

زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.

1319208
ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار

ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەئراف سۈرىسى، 74 – 81 – ئايەتلەر.  ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى[74]. ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى[75]. ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى[76]. ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ: «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى[77]. ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى[78]. ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى[79]. لۇتنى (ئەھلى سەدومغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى[80]. سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»[81].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر