زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن

زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ.

1307521
زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن

زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەئراف سۈرىسى، 44 – 51 - ئايەتلەر. ئەھلى جەننەت ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن[44]. زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ[45]. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ، ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر[46]. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ[47]. ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟›› دەپ توۋلايدۇ[48]. (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ)[49]. ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ[50]. كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز)[51].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر