توي چوربىسى

«توي چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1282289
توي چوربىسى

توي چوربىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئۆيدە چوربا بولسا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۈشكەن بولىدۇ» دەيدۇ بىر يازغۇچى. چوربا ھەم شىپالىق ھەم تەييارلىنىشى قولاي بىر تائام بولۇپ، تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ھىتىت مىخ مەنبەلىرىدە، ئىنسانلارنىڭ چوربا ئېتىدىغانلىقى؛ بۇغداي، پىياز، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلارنى گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، چوربا شەكلىدە ئىستېمال قىلىدىغانلىقى بىلىنىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا قەدەمكى دەۋردىكى گىرېتسىيەدە كۆك پۇرچاق ۋە كۆكتات پۇرچىقىدىن چوربا ئېتىلىدىكەن. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاشخانىسىدىمۇ چوربا ھەمىشە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىكەن.

 بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن مىراس قالغان ۋە ھازىرقى تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا تۆردىن ئورۇن ئالىدىغان، ئالاھىدە كۈنلەردە، بولۇپمۇ توي – تۆكۈنلەردە ئېتىلىدىغان «توي چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«توي چوربىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 500 گىرام پاقلان گۆشى
  • 6 ئىستاكان سۇ (گۆشنى پىشۇرۇش ئۈچۈن)
  • 3 قوشۇق سېرىق ماي
  • ئىككى قوشۇق ئۇن
  • تۇز
  • 3 قوشۇق گۆشنىڭ سۈيى
  • 3 قوشۇق سۇ
  • قارىمۇچ
  • 4 قوشۇق قېتىق
  • يېرىم لىمون
  • بىر دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقى
  • قىزىلمۇچ

«توي چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، گۆشنى 6 ئىستكان سۇدا قاينىتىڭ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىھال ئوتتا پىشۇرۇڭ، گۆش ياخشى پىشقاندىن كېيىن، سۈزگۈچ بىلەن سۈيىنى سۈزۈپ، بىر قاچىغا ئېلىڭ.
  • گۆشلەرنى سوغۇتۇپ، سۆڭەكلىرىدىن ئايرىڭ ۋە كىچىك – كىچىك قىلىپ توغراڭ.
  • سېرىق ماي بىلەن ئۇننى قازاندا يېنىككىنە قورۇڭ.
  • گۆشنىڭ سۈيىدىن 3 ئىستاكان ۋە يەنە 3 ئىستكان سۇنى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، گۆشلەرنى  ئىلاۋە قىلىڭ.
  • بىر قاچىدا قېتىق، تۇخۇمنىڭ سېرىقى ۋە لىموننى ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • چوربىنىڭ سۈيىدىن بىر چۆمۈچ ئېلىپ، ئىچىگە قوشۇڭ.
  • تۇزنى سالغاندىن كېيىن بىر قېتىم قاينىتىڭ.
  • ئالدىن باشقا بىر قازاندا ئېرىتىلگەن بىر قوشۇق سېرىق مايغا قىزىلمۇچنى قوشقان ۋە چوربىنىڭ ئۈستىگە سەپكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر