ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق كىنو چولپىنى تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق كىنو چولپىنى لىندساي لوھان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئېيتتى.

1241310
ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق كىنو چولپىنى تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىندساي لوھان ئاۋۇستىرالىيەدىكى مەستانىلىرىغا ئىنستاگرام تورىدا ئېلان قىلغان بىر ۋىدېئو ئارقىلىق سالام بەردى.

33 يېشىدىكى ئاتاقلىق كىنو چولپىنى لىندساي لوھان ئاۋۇستىرالىيەدىكى بىر رادىيو پىروگرامچىسى جېم ئو تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان يىغىندا «بالىلىقىمدىن تارتىپ ئوخشاش بولمىغان تىللارنى ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمەن. ئىنگىلىزچە ۋە فىرانسوزچىنى ئىنتايىن ياخشى سەۋىيەدە بىلىمەن. رۇسچىنى چۈشىنەلەيمەن. تۈرك تىلى، ئىتالىيە تىلى ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن» دېدى. 

ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق كىنو چولپىنى لىندساي لوھان 2017يىلىدا سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن چاغدىمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەنقىد قىلىپ ئېيتقان «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن سۆزىنى ئىشلەتكەن ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر