چىنگەنە قىزى غازىئانتەپتە

امېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوھايئو ئىشتاتىدىكى Bowling Green  ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە قىلىنغان «چىنگەنە قىزى» غازىئانتەپكە كەلتۈرۈلدى.

1097527
چىنگەنە قىزى غازىئانتەپتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوھايئو ئىشتاتىدىكى Bowling Green  ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە قىلىنغان «چىنگەنە قىزى» موزايكىسىنىڭ پاچىلىرى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت نۆۋەتچى ئايروپىلان  بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن Bowling Green  ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن بەش ئاي بۇرۇن ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن مۇراسىم ئارقىلىق تۈركىيە دائىرىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن زېئۇگما موزايكىسىنىڭ 12 پارچىسى ئايروپىلان بىلەن غازىئانتەپكە يوللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر