ئامىرخان رول ئالغان يېڭى فىلىم 30 – نويابىردا كىنوخانىلاردا قويىلىدۇ

ئامىرخان بىلەن ئامىتاب باچچەن، كاترىنا كائىف ۋە فاتىمە سانا شەيخ قاتارلىق چولپانلار باش رول ئالغان «Thugs Of Hindostan» ناملىق يېڭى فىلىم پات يېقىندا كىنو مەستانىلىرى بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

1056280
ئامىرخان رول ئالغان يېڭى فىلىم 30 – نويابىردا كىنوخانىلاردا قويىلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالەمشەمۇل شۆھرەتكە ئىگە بوللىيۋۇد چولپانلىرىدىن ئامىرخان باش رول ئالغان يېڭى فىلىم «Thugs Of Hindostan» 30 – نويابىردا، كېنوخانىلاردا كىنو مەستانىلىرى بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى «Dangal» ناملىق فىلمى ئۈچۈن بەزى جىسمانى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن كەنتەرتىپتىن ئۇرۇن ئالغان ئامىرخان، بۇ قېتىمقى يېڭى فىلمى ئۈچۈنمۇ باشقىچە بىر تۈسكە كىردى.

تۈركىيەدە ئامىرخاننىڭ «Süperstar» ناملىق فىلىمى تېخى يېقىندىلا كىنوخانىلاردا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ۋە تەۋەككۈلچىلىك قويۇق تۇس ئالغان فىلىمىدا «فارانگى»نىڭ رولىغا چىققانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر ئېلان قىلىندى.

بۇ فىلىمدە ئامىرخان بىلەن ئامىتاب باچچەن، كاترىنا كائىف ۋە فاتىمە سانا شەيخ قاتارلىق چولپانلار بىرلىكتە رول ئالماقتا.

ۋىجاي كىرىشنا ھەم سىنارىيەسىنى يېزىپ، ھەم ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلغان بۇ قىلىم بوللىيۋۇدنىڭ ئەڭ كۆپ چىقىملىق فىلىمى بولۇش ئالاھىدىكى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

«Thugs Of Hindostan» ناملىق بۇ يېڭى فىلىم تۈركىيەگە «فىلىممارتى فىلىم» شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، «IMAX» تاللاش تۈرى بويىچە كىنو ماستانىلىرىنىڭ ھوزورىغا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر