ئى مۆمىنلەر! ەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار

ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.

1012397
ئى مۆمىنلەر! ەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مائىدە سۈرىسى، 90 – 95 – ئايەتلەر. ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار[90]. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟[91]. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر[92]. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر (ھارام قىلىنمىغان نەرسىلەرنى) يېسە، ئىچسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قاچانكى ئۇلار (ھارام نەرسىلەردىن) ساقلانسا، ئىمانىدا ۋە ياخشى ئەمەللىرىدە ئىزچىل بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) يەنە ساقلانسا ۋە ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن داۋاملىق) ساقلانسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[93]. ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[94]. ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر[95].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر