قاتار خەلقىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىماقتا

قاتار كىشىلىك ھوقۇق دۆلەتلىك كومىتېتى باشلىقى ئەلى بىن سەمىخ ئەل مەررى قاتاردىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

997851
قاتار خەلقىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار كىشىلىك ھوقۇق دۆلەتلىك كومىتېتى باشلىقى ئەلى بىن سەمىخ ئەل مەررى بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قاتارغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ قاتارغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىراق قاتار خەلقىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىگە ئوخشاش ئەڭ ئەقەللىي ئىبادەت ھەق ھوقۇقلىرىغىمۇ توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى بىن سەمىخ ئەل مەررى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2017يىلى 5ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيانقى بىر يىل ئۈستىدە توختالدى.

سەمىخ ئەل مەررى بۇ دۆلەتلەرنىڭ قاتار ھەققىدە خەلقئارا جامائەتچىلىككە خاتا مەلۇماتلارنى سۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ قامال قىلىش باشلىنىپ بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ قاتار ھۆكۈمىتىگە قىلچە تەسىرى بولمىدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھۆكۈمىتىمىزگە قىلچىمۇ نۇقسان يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. بىراق بۇ قامال قىلىشنىڭ خەلققە ۋە خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارايدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان ھەق ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرەلەيمىز. بۇ قامال قىلىش خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.

سەمىخ ئەل مەررى قاتاردىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىگە ئوخشاش ئەڭ ئاساسلىق ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلىيالىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتچىلىرىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر