سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنلىكلەرنىڭ ئۆمرە قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەمەنلىكلەرنىڭ ئۆمرىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.

981501
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنلىكلەرنىڭ ئۆمرە قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن فوندى جەمئىيەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەتىييە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ يىلدىن ئېتىبارەن يەمەنلىكلەر ئۈچۈن ئۆمرىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە ھۇسىيلارنىڭ دۆلەتتە يەمەنلىكلەرگە زىيان ئېلىپ كەلگەن توقۇنۇشلىرى سەۋەبلىك، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى يەمەنلىكلەرنىڭ ئۆمرىگە بېرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەمەندە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ھۇسىيلار، 2014 – يىلدىن بۇيان پايتەخت سانا قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونتىرول قىلماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2015 – يىلى مارتتا قوزغىغان «بوران - چاپقۇن ھەرىكىتى» دائىرىسىدە قانلۇنلۇق ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە ياردەم بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر