بەشىكتاش كوماندىسى ئەڭ ئىقتىدارلىق كوماندا بولدى

بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئىقتىدارلىق كوماندا بولدى

978313
بەشىكتاش كوماندىسى ئەڭ ئىقتىدارلىق كوماندا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن چېمپىيون بولغان ۋە يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ياۋروپادىكى  كۈرەشلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەشىكتاش كوماندىسى، ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن ئىقتىدارلىق كوماندا بولدى.

دۇنياغا داڭلىق كۆزىتىش ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (KPMG Football Benchmark) تەرىپىدىن ھەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان «ياۋروپادىكى تالانتلىق كوماندىلار» ناملىق يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئىقتىدارلىق 32 كوماندا تاللاپ چىقىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، «سۈپەر لىگ» نىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق كوماندىسى بەشىكتاش % 52 لىك نىسبەت بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن ئىقتىدارلىق كوماندا بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر