«سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار»

«سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى.»

930493
«سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇلار: مائىدە سۈرىسى، 24 – 31 – ئايەتلەر. «ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى[24]. مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن»[25]. ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»[26]. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمىڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»[27]. ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن[28]. مەن ھەقىقەتەن سەن بىلەن بولغان گۇناھنى (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى) ۋە سېنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر»[29]. ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى[30]. ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[31].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر