ب د ت: مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىرىلانكىدا مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

924379
ب د ت: مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، سىرىلانكىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاممىۋى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ «تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سىرىلانكىدا ھۆكۈمەتنىڭ سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە مۇرەسسەچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن دۇجاررىچ، سىرىلانكا خەلقىنى ئىختىلاپلارنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچىسى جېفرېي فېلتماننىڭ جۈمە كۈنى سىرىلانكىدا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، بۇ زىيارەتنىڭ دۆلەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى پىلانلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سىرىلانكىدا مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن كاندى رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باياناتچىسى رۇۋان گۇناسېكارا سىنھالالىق بىر ئەر كىشىنىڭ بىر گۇرۇپپا مۇسۇلمان تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، كابدى رايونىدا بەزى زوراۋان گۇرۇپپىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئۆيلەر ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

سىرىلانكا پىرېزىدېنتى ماترىپالا سىرىسېنا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان كاندى رايونىدىكى ۋەقەلەرنىڭ باشقا جايلارغا يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان ئىدى.

مەركىزى سىرىلانكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى كېئېترى تېنناكونمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە مۇسۇلمانلارغا ئائىت 11 دۇكان ۋە ئۆيگە ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، سىرىلانكا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن % 75 تىنى بۇددىست سىنھالالار، % 9 تىنى بولسا مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىكەن.

تۈركىيەمۇ سىرىلانكىدا ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتتىكى تىلى ۋە دىنى جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ داۋاملىق تىنچ ھەم ئىناق ياشىشى ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر