ياپونىيەدە 2019 – يلى «تۈركىيە يىلى» ئېلان قىلىنىدۇ

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ياپونىيەدە 2019 – يلى «تۈركىيە يىلى» ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

909005
ياپونىيەدە 2019 – يلى «تۈركىيە يىلى» ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش پايتەخت ئەنقەرەدىكى  تۈركىيە – ياپونىيە فوندى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2018 – يىللىق ياپونىيە فېستىۋالى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىگە، ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئاممىۋى مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر – بىرىنى سۆيۈش ۋە بىر - بىرىگە ھېسداشلىق قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، يېقىن تارىختا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تۈرلۈك ئامىلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

2018 – يىلنىڭ خىتايدا «تۈركىيە يىلى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قۇرتۇلمۇش مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئالدىمىزدىكى يىل ياپونىيەدە تۈركىيە يىلى ئېلان قىلىنىدۇ. 2013 – يىلىمۇ تۈركىيە يىلى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەكرار ياپونىيەدە تۈركىيە يىلى ئېلان قىلىش خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ ياپونىيە بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، ياپون كارخانىچىلارنىڭ ھەمىشە تۈركىيەنىڭ چوڭ – چوڭ لايىھەلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھەمدە تۈركىيە بىلەن ھەر ساھەدە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئورناتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماساجى ماتسۇيامانىڭ ياپونىيە فېستىۋالى دائىرىسىدە كىنو، ھۆسنخەتكە ئوخشىغان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ ياپونىيە مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇشى ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشىدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇتبولدا ياپونىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇتو ناگاتومونىڭ گالاتاساراي كوماندىسىغا يۆتكىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەدە تۈركىيەگە كۆڭۈل بۆلۈش يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدۇ دەپ قارايمەن.»

فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە – ياپونىيە فوندىنىڭ باشلىقى تاييار سادىقلار بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاكىئو مىياجىما ۋە باشقا مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

مۇراسىمدا مۇزىكا كونسېرتىدىن سىرت يەنە، ياپونىيە مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نومۇرلارمۇ ئورۇندالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر