مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋىسال كۈنى خاتىرىلىنىدۇ

بۇ خەلقئارالىق كاتتا مۇرىسىم مول مەزمۇنلۇق، ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

862483
مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋىسال كۈنى خاتىرىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ۋىسالغا يەتكەنلىكىنىڭ 744 – يىلىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق پىروگراممىسى «شەببى ئارۇس» كونىيادا ئەتە 7 – دېكابىر كۈنى باشلىنىدۇ.

بۇ دائىرىدە، مەۋلىۋى ئەنئەنىسى، يەرمەنكە، كۈلتۈر ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئىلمىي يىغىنلار، نەپىس سەنئەت كۆرگەزمىسى، مۇزىكا، شىئىر دېكلىماتسىيە قىلىش، مۇكاپات مۇراسىمى، تىياتىر، كىنو، مەۋلانا ھەققىدە فىلىملەر ۋە ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

پىروگرامما مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان 17 – دېكابىر كۈنىدىكى ۋىسالغا يېتىش كېچىسى «شەببى ئارۇس» مۇراسىمى بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر