خىتاي ئادەم كاللىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە رۇخسەت قىلمىغان

خىتاي ئىتالىيەلىك مېڭە كېسەللىكلىرى دوختۇرى سېرگىيو كاناۋېرونىڭ باش ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

855661
خىتاي ئادەم كاللىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە رۇخسەت قىلمىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جېفۇ 25-نويابىر (شەنبە) خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە بايانات بېرىپ، ئادەم كاللىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھەمدە خىتاي قانۇنىدىكى ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىتالىيەلىك دوختۇر سېرگىيو كاناۋېرو خىتايدا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بىر بېمارنىڭ كاللىسىنى، ئۆلگەن ۋە بەدەن ئەزالىرىنى ئىئانە قىلغان بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جېفۇ دوختۇر سېرگىيو كاناۋېرونىڭ خىتاي دوختۇرى رېن شياۋپىڭ بىلەن بىللە جەسەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرگەن ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا بۇنداق تېببىي تەجرىبىلەرگە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئىتالىيەلىك دوختۇرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى يىللاردىن بۇيان قىلىنىپ كېلىۋاتقان تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر