تۈركىيە - جەنۇبىي كورېيە دوستلۇقىنىڭ 60-يىلى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىدۇ

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تولىمۇ مەستەھكەم تارىخىي ۋە قەلبىي رىشتىلەر، شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ 60 – يىلىدا ئەنقەرەدە داغدۇغىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ.

810664
تۈركىيە - جەنۇبىي كورېيە دوستلۇقىنىڭ 60-يىلى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60–يىلى تەبرىكلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

تەبرىكلەش پائاليەتلىرى ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتتە تەييارلىقلار داۋاملاشماقتا.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە تۈركىيەنىڭ ئالاھىدە رايونلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان بولدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تولىمۇ مۇستەھكەم تارىخىي ۋە قەلبىي رىشتىلەر، شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرىنىڭ 60–يىلىدا ئەنقەرەدە داغدۇغىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 22–سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەدىن ئاتاقلىق سەنئەتچىلەر، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە مەسئۇل زاتلاردىن تەشكىل تاپقان 102 كىشىلىك گۇرۇپپا تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

تەبرىكلەش پائلىيەتلىرى ئۈچۈن ھازىرلىنىدىغان مەيداندا ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىدىن باشقا يەنە، كورېيەنىڭ يېمەك–ئىچمەكلىرىمۇ سۇنۇلىدۇ. 

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرەسىدە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ راك سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسى كونسېرت ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ناخشىلىرىنى تۈركىيەلىك مەستانىلىرىغا ئورۇنلاپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر