بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى

ئاتىنادىكى گېئورگىئوس كارائىسكاكىس تەنتەربىيە زالىدا ئولىمپىئاكوس كوماندىسى بىلەن بەشتىكتاش كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى.

688802
بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ 100 نەپەر تەرەپدارى مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر بەشىكتاش كوماندىسىغا ئالقىش ياڭرىتىپ زالنى لەرزىگە كەلتۈرى.

 UEFA مۇسابىقىلەرگە رەقىب كوماندىلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كىرمەسلىكى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.  شۇنداقتىمۇ بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ 100 نەپەر تەرەپدارى بەشىكتاش كوماندىسىنى قوللاش مەقسىتىدە تەنتەربىيە زالىغا كىردى. بولۇپمۇ ئالدىنقى مەيدان ئۇچرىشىشىنىڭ دەسلەپكى مىنىۇتلىرىدا بەشىكتاش كوماندىسى تەرەپدارلىرىنىڭ ياڭراتقان ئالقىشلىرى دىققەت قوزغىدى.

ئىككىنچى مەيدان ئۇچرىشىشىدا بولسا بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈشىدىن كېيىن گىرېتسىيە كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى سۈكۈتكە چۆمدى ھەمدە بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ 100 تەرەپدارىنىڭ ئالقىشلىرىغا قۇلاق سېلىش بىلەنلا چەكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر