«ھېيت – بايراملار مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېيت – بايراملارنىڭ ھېيت – بايراملارنىڭ مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

523760
«ھېيت – بايراملار مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتنى ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر پەيتتە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئافغانىستاندىن سۈرىيەگىچە ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىز بار. تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيەدىمۇ روزا ھېيت خۇشاللىقىغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆلەڭگە چۈشۈردى. ئوتتۇرا شەرقمۇ، ياۋروپامۇ جىددىي كىرىزىسلەرگە دۇچ كەلمەكتە. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، تۈركىيە كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇش مەقسىتىدە ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا تارىخىي قەدەم تاشلىدى. بۇنداق قىلىشىمىزدىكى نىشانىمىز، تېررور ۋە سۈنئىي سۈركىلىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىپ، بۇزۇلغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى نورماللاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ دائىرىدە بارلىق توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ پاچاقلاپ تاشلاۋاتىمىز. ئاخىرىدا دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىمىز. بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ تېررور بىلەن، تۈرلۈك كىرىزىسلەر بىلەن يولىمىزغا توسالغۇ بولۇشىغا قەتئىي كۈچى يەتمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر