ئامېرىكا بىلەن خىتاي تالىبان بىلەن كېلىشىم تۈزەمدۇ؟

پاكىستان، ئافغانىستان، ئامېرىكا ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن سۆھبەت باشلىنىشى مەقسىتىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

428141
ئامېرىكا بىلەن خىتاي تالىبان بىلەن كېلىشىم تۈزەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ بۈگۈن ئىسلامئابادتا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ «يول خەرىتىسى» نى سىزىپ چىقىش نىشان قىلىنغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ھېكمەت خەلىل كارزائى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئائىزاز ئەھمەد چادىھورى، خىتاي ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن.

ئۇچرىشىشتا تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان گۇرۇپپىلار بىلەن قەيەردە ۋە قايسى يوسۇندا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان گۇرۇپپىلارغا قارشى قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

پاكىستان، ئافغانىستان، ئامېرىكا ۋە خىتاي بۇلتۇر دېكابىرنىڭ باشلىرىدا قايتىدىن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەش مېخانىزمى قۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر