ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن ساغلام ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى

2125639
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى گۇاڭجۇدا ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۆلەتلەر بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزنىلا ئەمەس، مۇناسىۋىتىمىزنىمۇ يېقىندىن كۆزەتمەكتە. بۇ مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دېدى.

يېلېن خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ خىتايدىكى رىقابەتچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى توسالغۇلار ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتىلغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى سودا مۇھىتىغا زىيان سالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بازار ئۇسۇلىدىن كۈنسېرى يىراقلىشىۋاتقان پوزىتسىيەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئېھتىياجتىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش كەڭ كۆلەملىك تۆۋەن باھالىق ئېكسپورتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ھىندىستان، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر