ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرمىدى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى (Fed) ئۆسۈم نىسبىتىنى 23 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان %5.50-%5.25 ئارىسىدا مۇقىملاشتۇردى.

2118242
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش قارارىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئېشىۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقانلىقى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى (2023) تۆۋەنلىگەنلىگەن بولسىمۇ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى 2022-يىلى مارتتا پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 11 قېتىم جەمئىي 525 نومۇر ئۆستۈرگەن ئىدى. نەتىجىدە ئۆسۈم 2001-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان %5.50-5.25% ئارىسىغىچە چىققان ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى بۇ قېتىمقىسىنى قوشقاندا ئۆسۈمنى بەش قېتىم ئارقىمۇ ئارقا ئۆستۈرمەي مۇقىم تۇتقان بولدى. ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى ئىيۇلدا 25 نومۇر ئۆستۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر