ئەنگلىيەدىن يولغا چىققان ساياھەت ئۆمىكى مۇغلاغا يېتىپ كەلدى
ئەنگلىيەدىن مۇغلانىڭ دالامان ئايرودورومىغا يېتىپ كەلگەن بۇ پەسىلنىڭ تۇنجى ساياھەت ئۆمىكىنى ئايرودورۇمدا ئالاھىدە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2116405
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايروپىلاندىن چۈشكەن 189 نەپەر يولۇچى ئايرودوروم مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئەتىرگۈللەر بىلەن قارشى ئېلىندى.
ئەنگىلىيەلىك ساياھەتچىلەرگە ھەر خىل نازۇ-نېمەتلەر سۇنۇلدى، رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن ئەنگىلىيەلىك ساياھەتچىلەر قونماقچى بولغان مېھمانخانىلارغا يۈرۈپ كەتتى.