تۈركىيەدە يانۋار ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %9.1 گە چۈشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK) يانۋاردىكى ئىشسىزلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

2113617
تۈركىيەدە يانۋار ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %9.1 گە چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشسىزلىق نىسبىتى %9.1 لىك سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالدى.

ئەرلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %7.7  ۋە ئاياللارنىڭ %11.7 دەپ مۆلچەرلەندى.

يانۋار (2024) دا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 2023-يىلى دېكابىرغا سېلىشتۇرغاندا 160 مىڭ كىشى ئېشىپ، 32 مىليون 222 مىڭغا يەتتى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%0.2 ئېشىپ، %49 گە يەتتى.

بۇ مەزگىلدە، ئەمگەك كۈچىگە قاتنىشىش نىسبىتى %30 ئېشىپ، %53.9 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر