يەرلىك ئاپتوموبىل <توگ> فېۋرالدا تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئايلاندى

تۈركىيەدە فېۋرالدا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدىكى سېتىش نىسبىتى بويىچە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

2112342
يەرلىك ئاپتوموبىل <توگ> فېۋرالدا تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ سېتىلغان توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە فېۋرالدىكى «تولۇق توكلۇق» ئاپتوموبىل سېتىش سانى 4713 دانە بولدى.

يەرلىك ئاپتوموبىل <توگ> %25.48 لىك بازار ئۈلۈشىنى داۋاملاشتۇردى.

توكلۇق ئاپتوموبىل ماركىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان <توگ> فېۋرالدا 1201 دانە سېتىلدى.

<توگ> دىن قالسىلا 523 دانە سېتىش بىلەن BMW ئىككىنچى، 510 دانە سېتىش بىلەن Ssangyong ئۈچىنچى، 321 دانە سېتىش بىلەن Mercedes-Benz  تۆتىنچى، 281 دانە سېتىش بىلەن Opel بەشىنچى بولدى.

تېسلا (Tesla) بولسا، 75 دانە سېتىش بىلەن تىزىملىكتە 11- بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مودېل بويىچە باھالىغاندا، Togg T10X ئەڭ كۆپ سېتىلغان مودېل بولدى.

<توگ> دىن قالسىلا Ssangyong Torres ئىككىنچى، BMW 5 ئۈچىنچى، BYD Atto  تۆتىنچى ۋە MG MG4 بەشىنچى بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر