فېۋرالدا ئايلىق ئېكسپورت رېكورتى يارىتىلدى
فېۋرالدا تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورتى قىلىندى.
2110061
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات فېۋرال ئېيىغا ئالاقىدار ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2-ئايدىكى ئېكسپورتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېكسپورتىمىز 2-ئايدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %13.6 ئېشىپ، 21 مىليارد 86 مىليون دوللارغا يەتتى. جۇمھۇرىيىتىمىز تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى فېۋرال ئېيى ئېكسپورت قىممىتىگە يەتتۇق.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.