شىمشەك 20 دۆلەت گۇرۇھى مىنستىرلار ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

2109590
شىمشەك 20 دۆلەت گۇرۇھى مىنستىرلار ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر شىمشەك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، بىرازىلىيەنىڭ ساۋ پاۋلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

2024-يىلىنىڭ تۇنجى 20 دۆلەت گۇرۇھى مىنىستىرلار ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن شىمشەك: «يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، كۈنتەرتىپتىكى تەڭسىزلىكلەرنى ئازايتىش، خەلقئارا باج ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىمدا، تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، كۆپ تەرەلىك تەرەققىيات بانكىلىرى ۋە دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر