قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئېنېرگىيە زاپاسلىرى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى بىلەن بىرلىكتە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2103569
قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئېنېرگىيە زاپاسلىرى

قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئېنېرگىيە زاپاسلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا شەرقىي ئاق دېڭىزدا ھىدرو كاربون زاپاسلىرىنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدە قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى، 2007-يىلى 26-يانۋار دۇنياۋى كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەقە يۈز بەردى؛ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى شەرقىي ئاق دېڭىزدا بىر تەرەپلىمە ھالدا «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون» ئېلان قىلىپ، ھەممىسىلا دېگۈدەك دەتالاشلىق بولغان 13 رايوندا ھىدرو كاربون چارلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي ئاق دېڭىزدا 30 مىليارد ۋارىل نېفىتكە باراۋەر ھىدرو كاربون زاپىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 1.5 تىرىليون دوللارغا يېتىدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي گاز ئىكەن.

ئاق دېڭىزغا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بارغان ھىدرو كاربون چارلاش پائالىيەتلىرى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئېنېرگىيە تەڭلىمىسىدە يېڭى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىسىر ۋە گىرېتسىيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. لېكىن، بۇ قەدەم جاۋابسىز قالمىدى. ئەنقەرە «بۇ بىر تەرەپلىمە قارار»غا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى؛ كۆك ۋەتەن (دېڭىز) تەلىماتى ماقۇللاندى. تۈركىيە رايوندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىگە تەۋە دېڭىزنىڭ چەك-چېگراسىنى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە جاكارلىدى.

ئەنقەرە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قەدەملەرنى تاشلىدى؛ لىۋىيە بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ مۇساپىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇردى. شەرقىي ئاق دېڭىز گازىنى ياۋروپاغا توشۇش ئۈچۈن، تۈركىيەنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان EastMed تۈرى ئېلان قىلىندى. بۇ تۈرگە ئاساسەن، شەرقىي ئاق دېڭىزدىن چىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ گىرېتسىيە ئارقىلىق ئىتالىيەگە، ئۇ يەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا ئىدى. پىلانلار يېرىم يولدا توختاپ قالدى. ئامېرىكا 2022-يىلىنىڭ بېشىدا 30 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سېلىش مۆلچەرلىنىۋاتقان مەزكۇر تۈرنى قوللاشتىن يالتايدى.

ھىدرو كاربون زاپاسلىرىدىن باشقا، ھەم سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ھەمدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى شەرقىي ئاق دېڭىزنى خەلقئارا ئاكتىيورلارنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بار؛ ئاق دېڭىزدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا تىپتىكى قوراللار سەپلەنگەن يەتتە دانە «زەربىدار» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتى بار. زەربىدار پاراخوتىنىڭ ھەر بىرى 400 دانە توماخاۋكىس ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سەزگۈر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سەپلەنگەن B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن نەچچە يۈز توماخاۋكىس باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۈكلەنگەن USS Harry S Truman ناملىق ئاۋىياتكىمۇ رايوندا دائىم چارلاش ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكانىڭ USS Porter ۋە USS Donald Cook ناملىق پاراخوتلىرىمۇ رايوندا توختىماي ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

ئەنگليەنىڭ قىبرىس ئارىلىدا مۇھىم ھەربىي بازىسى بار بولۇپ، بۇ يەردە ھۇجۇم ۋە رازۋېدكا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تورنادو ئايروپىلانلىرى بىلەن 6 دانە تايفۇن كۈرەشچى ئايروپىلانى بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەنىڭ ئورنى مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقان ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بىلەن HMS Duncan ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىمۇ ئاق دېڭىزدا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا.

فىرانسىيە چارلېز دېگول ئاۋىياماتكىسى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگۈچى قىسىملىرىنى دائىم شەرقىي ئاق دېڭىزغا ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رۇسىيە ئۇزۇندىن بۇيان سۈرىيەنىڭ لازىقىييە رايونىدىكى ھىمەيمىم بازىسىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

موسكۋانىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدا نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ بارىدىغان سۇ ئاستى بومبىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادمىرال گىرىگوروۋىچ ۋە ئادمىرال ئېسسېن قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى بار.

2022-يىلى 6-ئايدا پايتەخت قاھىرەدە چاقىرىلغان شەرقىي ئاق دېڭىز تەبىئىي گاز مۇنبىرى جەريانىدا، مىسىر، ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز توشۇش ۋە ئېكسپورت قىلىش ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئاق دېڭىزدىكى تامار مەيدانىدىن مىسىرغا تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇنداقتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى نېمىلەرنى ئۆزگەرتتى؟

غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىقلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى تەخمىن قىلىنماقتا؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.

ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، شەرقىي ئاق دېڭىز ئۈچۈن بىرلا تۈرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلۇشىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر