تۈرك دۆلەتلىرى ئارا سودا ئېشىشقا يۈزلەندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى سودىدا زور ئېشىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى سودىدا زور ئېشىش بولغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا 2022-يىلىدىكى 33 مىليارد دوللاردىن 2023-يىلى 42 مىليارد دوللارغا يەتتى» دېدى.
مىنىستىر بولات ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى رىقابەت كېڭىشىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا 2022-يىلى 33 مىليارد دوللار بولۇپ، 2023-يىلى 42 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ ئەزا دۆلەتلىرىمىزنىڭ دۇنياغا قىلغان ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ ئازلا بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېدى.
بولات تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى رىقابەت ئورگانلىرى كېڭىشىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ كېڭەشنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، سودا مۇناسىۋىتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە دۇنيادىكى تەرەققىياتلارنى كۆزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە رىقابەت مەدەنىيىتى ۋە تونۇشىنىڭ ئومۇملىشىپ، تۈزۈملىشىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، بىزنىڭ رىقابەت ئورگىنىمىز مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بىزمۇ سودا مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئىپتىخارلىنىش ئىچىدە كۆزىتىپ قوللىماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.