تۈركىيە - ئۆزبېكىستان سودا ھەجىمى 3.5 مىليارد دوللارغا يەتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز، تۈركىيە - ئۆزبېكىستان سودا ھەجىمىنىڭ 3 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2081022
تۈركىيە - ئۆزبېكىستان سودا ھەجىمى 3.5 مىليارد دوللارغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز پايتەخت ئەنقەەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – ئۆزبېكىستان سودا مۇنبىرى يىغىنىدىكى سۆزىدە، 5 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزبېكىستان ئىمپورت ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يىلماز، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تىزىملىكتىكى ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىمىز 3 مىليارد 500 مىليون دوللارغا، ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغىمىز 1 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى. نۆۋەتتە 1700 دىن ئارتۇق شىركىتىمىز ئۆزبېكىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا نىشانىنىڭ 5 مىليارد دوللار قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز: «سودا دۇنياسىنىڭ قوللىشى بىلەن، خۇدايىم بۇيرۇسا، بىز بۇ نىشانغا پات يېقىندا يېتىپ، يېڭى نىشان بەلگىلەيمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر