كەمبەغەل دۆلەتلەر رېكورت سەۋىيەدە قەرز تۆلىگەن

كەمبەغەل دۆلەتلەر ئۆتكەن يىلى (2022) 88.9 مىليارد دوللارلىق رېكورت سەۋىيەدە دۆلەت قەرزىنى تۆلىدى.

2076463
كەمبەغەل دۆلەتلەر رېكورت سەۋىيەدە قەرز تۆلىگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكاسى خەلقئارا قەرز دوكلاتى ئېلان قىلىپ، قەرز ئېلىش مالىيەتلىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ قەرز كىرىزىسى خەتىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، كەمبەغەل دۆلەتلەرنى قوللىغان خەلقئارا تەرەققىيات بىرلەشمىسىدىن قەرز ئېلىشقا مۇۋاپىق 75 دۆلەتنىڭ 2022-يىلى 88.9 مىليارد دوللارلىق رېكورت سەۋىيەدە قەرز تۆلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا قەرز ئۆسۈمىنىڭ تۆت ھەسسە ئۆرلەپ، ئۆتكەن يىلى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان 23.6 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، 2023- ۋە 2024-يىللىرى ئەڭ كەمبەغەل 24 دۆلەتنىڭ جەمئىي قەرز تۆلەش مالىيەتلىرىنىڭ %39 كىچە ئۆرلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا يەنە، دۇنيادا ئۆسۈم نىسبەتلىرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ 443.5 مىليارد دوللارلىق رېكورت دەرىجىدىكى قەرزىنى تۆلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەسلى قەرز ۋە ئۆسۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەرزلىرىنى ئالدىنقى يىل (2021) غا سېلىشتۇرغاندا %5 ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ تەخمىنەن %60 نىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ياكى ئاللىبۇرۇن بۇ خەتەرنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر