تۈركىيەدىن 11 ئاي ئىچىدە 479 مىليون 900 مىڭ دوللارلىق ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورت قىلىندى
تۈركىيەنىڭ ترابزون ۋىلايىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورتىدىن 479 مىليون 942 مىڭ 676 دوللار كىرىم قىلدى.
2076271
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى ئورمان ياڭىقى ۋە ئورمان ياڭىقى مەھسۇلاتلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەھمەت جىراۋنىڭ ئېيتىشىچە، ترابزون شەھىرىدىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا 58 دۆلەتكە 75 مىڭ 743 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكىسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 479 مىليون 942 مىڭ 676 دوللار كىرىم قىلىنغان.
بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە پولشاغا ئورمان ياڭىقى ئېكسپورت قىلىنغان.
بۇ مەزگىلدە شىمالىي ماكېدونىيە، كوستارىكا ۋە بۇلغارىيەگىمۇ ئورمان ياڭىقى سېتىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.