تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىللىق نىسبەتتە %1.1 ئاشتى.

2074997
تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK) ئۆكتەبىر ئېيىغا ئالاقىدار سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۆكتەبىر (2023) دە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىل (2022) نىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %1.1 ئاشقان.

ئۆكتەبىردە كانچىلىق ۋە تاشچىلىق ساھەسى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.7 ئاشقان.  

ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ساھەسى كۆرسەتكۈچى %1.3، ئېلېكتر، تەبىئىي گاز، پار، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش كەسپى كۆرسەتكۈچى %3.5 ئاشقان.

ئۆكتەبىردە كانچىلىق ۋە تاشچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا %3.2 ئاشقان.

بىراق، ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ساھەسى كۆرسەتكۈچى %0.3، توك، تەبىئىي گاز، پار، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش كەسپى كۆرسەتكۈچى%2.3 تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر