ئىراق تۈركىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىدۇ

ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى تۈركىيەگە نېفىت ئېكسپورتىنى قايتا باشلاشنىڭ چارەسىنى تېپىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

2067936
ئىراق تۈركىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتارنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، سۇدانى ئىراقتىن تۈركىيەگە نېفىت ئېكسپورتىنى قايتا باشلاشنىڭ چارەسىنى تېپىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار بولسا، ئىراقنىڭ پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ پۈتكۈل ياۋروپا ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بايراقتار باغداد زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىراق نېفىت مىنىستىرى ھەييان ئابدۇلغانى بىلەن بىرلىكتە ۋەكىللەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر