شىرىنجە «ۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزىلىرى» تىزىملىكىگە كىردى

ئىزمىرنىڭ سەلچۇك ناھىيەسى شىرىنجە يېزىسى «2023-يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزىلىرى» تىزىملىكىگە كىردى.

2053609
شىرىنجە «ۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزىلىرى» تىزىملىكىگە كىردى
sirince koyu1.jpg
sirince koyu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت دۇنيا ساياھەتچىلىك تەشكىلاتى(BMDTÖ)  نىڭ 25-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە «2023-يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزىلىرى» نىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى،  مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە قوللاش، سىجىل ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي سىجىللىقى، مۇھىت سىجىللىقى، ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇل-ئەسلىھەلىرى، سەھىيە، بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق كاتېگورىيەلەردە ئەڭ ياخشى يېزىلارنى تاللاشقا، 260 ئىلتىماس سۇنۇلدى.

قازاقىستاننىڭ ساتى، ئۆزبېكىستاننىڭ شەنتوب ۋە تۈركىيەنىڭ شىرىنجە يېزىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 54 يېزا «2023-يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزىلىرى» نىڭ تىزىملىكىگە كىردى.

يېشىللىققا پۈركەلگەن تاغنىڭ ئېتىكىگە قۇرۇلغان، زەيتۇن دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان تاش ياتقۇزۇلغان كوچىلىرى، تاملىرى ئاق رەڭدە بويالغان ئۆيلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان شىرىنجە يېزىسى، تۈركىيەدە يېزا ساياھەتچىلىكىدە باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

باھار ئايلىرىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە كۈنىگە 4 مىڭ كىشى يېزىنى ساياھەت قىلىدۇ.

ئەفەس قەدىمكىي شەھىرى، مەريەم ئانا چېركاۋى، كۇشاداسى (قۇش ئارىلى) پورتىغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ۋە «دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزىلىرى» مۇكاپاتىغا لايىكق كۆرۈلگەن شىرىنجە ئاھالىلىرى، «مۇكاپات يېزىنىڭ داڭقىنى دۇنياغا تونىتىدۇ» دەپ ئىشەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر