تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورت قىممىتى ٪2.6 ئېشىپ، 2 مىليارد 822 مىليون دوللارغا يەتتى.
2048186
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلۇداغ ئاپتوموبىل سانائىتى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپور قىممىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا ٪2.6 ئېشىپ، 2 مىليارد 822 مىليون 476 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
ئېكسپورتتا ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ ئۈلۈشى ٪14.7 كە يېتىپ، «خىمىيە سانائىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى» ساھەسىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.