ئاۋستىرالىيە تەڭگىسىگە ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ سۈرىتى بېسىلىدۇ

ئاۋستىرالىيە يېڭى تەڭگە پۇللىرىغا، ئەنگلىيە پادىشاھى 3-چارلېزنىڭ سۈرىتىنى باسىدۇ.

2046738
ئاۋستىرالىيە تەڭگىسىگە ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ سۈرىتى بېسىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە خان جەمەتى پۇل بېسىش ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى لېيىخ گوردون (Leigh Gordon) قىممىتى بىر ئاۋستىرالىيە دوللىرىغا تەڭ تەڭگىسىگە، ئەنگلىيە ھۆكۈمدارىنىڭ سۈرىتىنىڭ بېسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەخمىنەن 10 مىليون دانە تەڭگىنىڭ روژدېستۋا بايرىمىغىچە بازارغا كىرىدىغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىم تارقىتىلىدىغان تەڭگىلەرنىڭ بانكالارنىڭ تەلىپىگە كۆرە قۇيۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، 2024-يىلى تارقىتىلىدىغان تەڭگىلەرگە پادىشاھنىڭ سول يۈزىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشاش تاجسىز سۈرىتىنىڭ بېسىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن 15.5 مىليارد ئاۋستىرالىيە دوللىرى تەڭگىسى ئىشلىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر