ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ
ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا نېفىت يەرمەنكىسى ۋە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
مىنىستىر بايراقتار بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق دۇنيا بازىرىنى كۈنىگە يېرىم مىليون ۋارىل نېفىت بىلەن تەمىنلەيمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.