ئەردوغان: بۇ يىللىق مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئېسكپورت نىشانىمىز 6 مىليارد دوللاردىن ھالقىپ كېتىش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت نىشانىنىڭ 6 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2044322
ئەردوغان: بۇ يىللىق مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئېسكپورت نىشانىمىز 6 مىليارد دوللاردىن ھالقىپ كېتىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىزمىردىكى چىغلى ئايرودرومىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە پەن - تېخنىكا بايرىمى — تېكنوفېستتا سۆز قىلدى.

«بۈگۈن بىز بۇ يەردە پەقەت مىللىي تېخنىكا سەپەۋەرلىكىمىزنىڭ ھەممىسى ئىپتىخار مەنبەيىمىز بولغان مەھسۇلاتلىرىنىلا كۆرمەيۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زورىيىۋاتقان، قۇدرەت تاپقان، چېگرالاردىن ھالقىغان، ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسى قەتئىي ۋە قەيسەر بىر تۈركىيەنىڭ يۈكسىلىشىگىمۇ شاھىت بولۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە بىر – بىرىدىن مۇھىم 850 خىل ئوخشىمىغان تۈرنى ئىنچىكىلىك بىلەن روياپقا چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «دۇنيادىكى تۇنجى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاراخوتى بولغان TCG ئانادولۇ دېڭىزلىرىمىزدا بايرىقىمىزنى ئىپتىخارلانغان ھالدا لەپىلدەتمەكتە» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى سەپەرۋەرلىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئېكسپورتىنىڭمۇ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدىكى بۇ يىللىق نىشانىمىز 6 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىش. بۇ ساھەدىكى ئېكسپورتىمىزنى 248 مىليون دوللاردىن ئۆتكەن يىلى 4 يېرىم مىليارد دوللارغا قانداق چىقارغان بولساق، خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ ساندىنمۇ ھالقىپ كېتىمىز. بىز باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاش مۇداپىئە ساھەسىدىمۇ تولۇق مۇستەقىل تۈركىيە نىشانىمىزغا يەتمىگۈچە كېچە- كۈندۈز دېمەستىن ئىشلەيمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر