تۈركىيە دۇنيا بانكىسى بىلەن كىرېدىت كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك دۇنيا بانكىسى بىلەن 895 مىليون 700 مىڭ ياۋرولۇق كىرېدىت كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2041019
تۈركىيە دۇنيا بانكىسى بىلەن كىرېدىت كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىلگىرى تۈركىيەگە 35 مىليارد دوللار ياردەم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ مەبلەغنىڭ  6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش ۋە يېشىل ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېھتىياجلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمشەك بۇ دائىرىدە، دۇنيا بانكىسىدىن «دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە لايىھەلىرى» ئۈچۈن 500 مىليون ياۋرولۇق، «سۇ تېجەش ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لايىھەلىرى» ئۈچۈن 395 مىليون 750 مىڭ ياۋرولۇق كىرېدىت ئالغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر