قازاقىستان پارلامېنتى تۈرك مەبلەغ فوندى لايىھەسىنى تەستىقلىدى

قازاقىستان پارلامېنتى تۈرك مەبلەغ فوندى قۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

2040183
قازاقىستان پارلامېنتى تۈرك مەبلەغ فوندى لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد مىنىستىرى ئەلىبېك كۇانتىروۋ پارلامېنت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈرك مەبلەغ فوندى قۇرۇش كېلىشىمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەۋجۇت يەر شارى خاراكتېرلىك جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇقىمسىزلىق شارائىتى ئاستىدا قازاقىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىمىزدىن بىرى. بىز بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدىغان ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە، بىز ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەر ئاساسىدىمۇ ئورتاق پائالىيەتلىرىمىزنى ئاكتىپچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ مۇنبەرلەردىن بىرى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدۇر».

تۈرك مەبلەغ فوندى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تارىخىي قەدىمى سۈپىتىدە ماي ئېيىدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغانىدى.

تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئەزا بولغان تۈرك مەبلەغ فوندى كېلىشىمى ئىلگىرى ئەزەربەيجان پارلامېنتى تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغانىدى.

تۈرك مەبلەغ فوندى تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ياكى دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش سالاھىيەتكە ئىگە تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.

500 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان تۈرك مەبلەغ فوندىدا ھەر بىر ئەزانىڭ % 20 ئۈلۈشى بار.

مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدىغان تۈرك مەبلەغ فوندى يەنە ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگىمۇ تۆھپە قوشىدۇ.

تۈرك مەبلەغ فوندى ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئۆزئارا ماسلىشالايدىغان بولىدۇ. شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سودا، مۇداپىئە ۋە تېخنولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم ئورتاق مەبلەغ سېلىش شارائىتى يارىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر