ئى ھ ت ت تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (ئى ھ ت ت) تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرىنى %3.6 تىن %4.3 كە ئۆستۈردى.

2039432
ئى ھ ت ت تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ «9- ئايلىق ۋاقىتلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 6 - ئايدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2023- يىلى %3.6 ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى؛ بۈگۈن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، مەزكۇر مۆلچەر %4.3 كە ئۆستۈرۈلدى.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كېلەر يىللىق ئېشىش مۆلچەرى %3.7 تىن %2.6كە تۆۋەنلىتىلدى، 2023- يىللىق پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى %44.8 تىن %52.1 كە كۆتۈرۈلدى.

دوكلاتتا، 2024- يىلى تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ %39.2 كە تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر