تۈركىيەنىڭ چاي ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ چاي ئېكىسپورتى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا % 22 ئېشىپ، 18 مىليون 493 مىڭ دوللارغا يەتتى.
2039430
تۈركىيە رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەت ھەمدى گۈردوغان تۈركىيەنىڭ 8 ئاي ئىچىدە 3 مىڭ 832 توننا چاي ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ بۇ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ چاي ئېكىسپورتىنىڭ % 22 ئېشىپ، 18 مىليون 493 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بېلگىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ تۈركىيە ئەڭ كۆپ چاي ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
گۈردوغان تۈركىيەنىڭ 8 ئاي ئىچىدە 110 دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئەركىن ئىقتىسادىي رايونلارغا چاي ئېكسپورت قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي چاي ئېكسپورتىنىڭ % 43 ىنى رىزە چايى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.