قاچىر جەنۇبىي كورېيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاچىر جەنۇبىي كورېيەدە خىيۇنداي گۇرۇھى، LG ئېلېكترون شىركىتى ۋە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر قاچىر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچۇر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
قاچىر تۈركىيەنىڭ قۇرۇلمىسى كۈچلۈك سانائەت جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئېكسپورت جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى، لاياقەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى، يېڭى تېخنولوگىيەلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ توغرا ئادرېسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق يەر شارى ماركىلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش قىزىقىشىنى ئاشۇرماقتا. يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق سېلىنمىلارنى دۆلىتىمىزگە تېخىمۇ كۈچلۈك جەلپ قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.