تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى 7- ئايدا ئايلىق نىسبەتتە %0.4 تۆۋەنلىدى، يىللىق نىسبەتتە %7.4 ئاشتى.

2035715
تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئايلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7- ئايدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %7.4 ئاشقان.

سانائەت ساھەسى تارماقلىرى تەكشۈرۈلگىنىدە، 7- ئايدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، كانچىلىق ۋە تاش كانلىرى  ساھەلىرى كۆرسەتكۈچى %1.7؛ ئېلېكتىر، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش ساھەسى كۆرسەتكۈچى% 4.1: ياسىمىچىلىق سانائىتى ساھەسى كۆرسەتكۈچى %7.4 ئاشقان.

تەڭشەلمىگەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىمۇ يىللىق نىسبەتتە %18.79 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر