ئۆزبېكىستاننى ساياھەت قىلغۇچىلار سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا 3 مىليون 680 مىڭ ساياھەتچى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى.

2029910
ئۆزبېكىستاننى ساياھەت قىلغۇچىلار سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 2023- يىلى 1- ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان جەرياندا 3 مىليون 680 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ ئۆزبېكسىتانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، 1 مىليون 151 مىڭ 400 ساياھەتچى كەلگەن تاجىكىستان ساياھەتچىلەر سانى تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

تىزىملىكتە 912 مىڭ 800 ساياھەتچى كەلگەن قىرغىزىستان ئىككىنچى، 879 مىڭ ساياھەتچى  كەلگەن قازاقىستان ئۈچىنچى، 417 مىڭ 400 ساياھەتچى كەلگەن رۇسىيە تۆتىنچى ، 58 مىڭ ساياھەتچى كەلگەن تۈركىيە بەشىنچى، 20 مىڭ 200 ساياھەتچى كەلگەن جەنۇبىي كورېيە ئالتىنچى، 20 مىڭ ساياھەتچى كەلگەن ھىندىستان يەتتىنچى، 17 مىڭ 700 ساياھەتچى كەلگەن خىتاي سەككىزىنچى ۋە 14 مىڭ 100 ساياھەتچى كەلگەن گېرمانىيە توققۇزىنچى بولغان.

2019- يىلى (كوۋىد – 19 يۇقۇمى تارقىلىشتىن ئىلگىرى) 6 مىليون 748 مىڭ ساياھەتچى زىيارەت قىلغان ئۆزبېكىستانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ بۇ يىل يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كوۋىد - 19 ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020- يىلى ئۆزبېكسىتانغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى 1 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغانىدى.

2021- يىلى ئۆزبېكىستاننى 1 مىليون 800 مىڭ ساياھەتچى زىيارەت قىلغان، 2022- يىلى بۇ سان 2.8 ھەسسە ئېشىپ، 5 مىليون 200 مىڭغا يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر