تۈركىيە ۋېنگىرىيە بىلەن تەبىئىي گاز ئېكىسپورتى قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيەدىن ۋېنگىرىيەگە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىش توغرىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.

2027537
تۈركىيە ۋېنگىرىيە بىلەن تەبىئىي گاز ئېكىسپورتى قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۇرۇبا يولى بىلەن نېفىت يەتكۈزۈش شىركىتى (BOTAŞ) نىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە تەبىئىي گازدا مەركىزىي دۆلەت بولۇش تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، بوتاش شىركىتى بىلەن ۋېنگرىيە ئېنېرگىيە شىركىتى «MVM CEEnergy» ئوتتۇرىسىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تۈنۈگۈن ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ۋە ۋېنگرىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى شۇنداقلا  «MVM CEEnergy» شىركىتىنىڭ رەئىسى گابور چېپېك، بوتاش (BOTAŞ) نىڭ باش دىرېكتورى ۋە مۇدىرىيەت رەئىسى بۇرھان ئۆزكان ۋە «MVM CEEnergy» شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى لاسلو فرىتچنىڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تۈركىيەدىن ۋېنگىرىيەگە تەبىئىي گاز توشۇشنىڭ كېلەر يىلى (2024) دىن تارتىپ باشلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەنىڭ <«LNG» ئۇل- ئەسلىھەلىرى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئەسلىھەلىرىدىن ئورتاق مەنپەئەت رامكىسى دائىرىسىدە پايدىلىنىشقا دائىر ھەمكارلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر